ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمقىي تىللارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرتىلى دىگىنىمىزدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە قوللانغان تىللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تارىخىي دەۋىرلەردىن بىرى تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، بىيىپ كەلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا، تىلىمىزنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىشلەر ئانچە كۆپ بولمىغان بولسىمۇ، لۇغەت تەركىبىدە، بولۇپمۇ ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدە كۆپلىگەن ئۆزگىرىش ( يىڭلىنىش، توقۇقلىنىش ) لەر بولدى. لىكىن، بۇ تىلنىڭ ئاساسىي گەۋدىىسى ۋە ئاساسىي خۇسىۇسىيتى دەۋىرلەردىن بۇيان بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، ساقلىنىپ كەلدى ھەم راۋاجلاندى. دىمەك، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇشىدا، ئۆز ئارا ئالاقىلىشپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىش، كىشلىك ھاياتنىڭ ھەممە ساھاسىدە بىرلىشىپ ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان مىللىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرلۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىل قىرىنداش مۇناسىۋىتىدىن ئالغاندا، ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسى، ئۇيغۇر- قازاق تىللىرى گۇرپىسىغا كىرىدۇ. تۈركىي تىللار تۈكۈمگە يەنە ئۆزبىك، قازاق، قىزغىز، تاتار، سالا، يۈگۈ،(سىرىق ئۇيغۇر)، توۋا، تۈرك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، باشقىرت، نوغاي، قاراقالپاق، قومىق، تۇخار، خاكاس، ياقۇت، قارايىم، قاراچاي، شور، ئاۋاقان، تىلۋىت، تۇرا، قۇندۇم، قايبول، ساغاي، چۇۋاش، گاگاۋۇز... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىمۇ كىرىدۇ.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يىزىقتىن پايدىلانغاندىن بۇيانقى تىلنى ئۆزىنىڭ بىسىپ ئۆتكەن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا قاراپ، ئەڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ تۆت دەۋىرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1)ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى(قەدىمكى تۈرك-ئوغۇز تىلى) دەۋرى. بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر تىلى مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا قوللىنىلغان بولۇپ، ئاز دىگەندىمۇ مىلادىيدىن باشلاپ تاكىIXئەسىرگىچە تەخمىنەن 900 يىل ئۆپچۆرىسىدە قوللىنلغان ئۇ سوغدى يىزىقى، تۈرك-رونىك يىزىقى(ئورخۇن- يىنسەي يىزىقى، كۆك تۈرك يىزىقى)دا خاتىرلەنگەن يازما يادىكارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ.
2)قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى. ئۇيغۇرلار مىلادىيەVIII-IXئەسىردىن باشلاپXV-XVIئەسىرلەرگىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغان. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان يادىكارلىقلار ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى ۋە ئەرەب يىزىقىدايىزىلغان تارىخىي يازمىلاردا .ئەكىس ئىتىدۇ.
3)چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى. بۇXIVئەسىرلەردىنXXئەسىرنىڭ باشلىرىغچە قوللىنىغان ئۇيغۇر يىزىق تىلنى كۆستىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا تىخىمۇ بىيىپ، تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنىڭ ئەينى دەۋر تىلىغا بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر جانلىق تىلى بىلەن يىزىق تىلنىڭ پەرقى چوڭىيىپ كەتكەن.
4)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، بۇ خىل يۇقىرىقى ئۈچ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ، ئولۇپمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنڭ تەرەققىياتى نەتىجسىدەXXئەسىرنىڭ 30-يىللىردىن باشلاپ مەركىزىي دىئالىكت ئاساسدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، ئەدەبىي ئورتاق تىلىدۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى شەكىللەنگەن بىر ئەسىرگە يىقىن ۋاقىت ئىچىدە، بولۇپمۇ كىيىنكى يىرىم ئەسىردىن بۇيان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۈندىن- كۈنگە كىڭىيىپ، مۇرەككەپلىشىپ بىرىۋاتقان ئالاقە ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ، تارىختىكى ھەر قانداق بىر دەۋردىكى تىلغا نىسبەتەن تىخىمۇ بىيىغان، تىخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ۋە قىلىپلاشقان تىلغا ئايلاندى.
«ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى
كېيىنكىسى : تەلەپپۇز قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى سانلارنىڭ دەرىجە كاتېگورىيەسى توغرىسىدا2012-06-12
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى2012-06-12
- ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى2012-06-12
- ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.72012-06-12
- ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.52012-06-12
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرى قاتارىدىكى ئورنى
- ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
- ئۇيغۇر تىلى - ئابدۇرېھىم زۇنۇن
- ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
- ئانا تىلىم (نەسىر)
- مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن
- قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
- يېزىق ۋە تىل نورمىلىرى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
- تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى
- ئانا تىلىم (نەسىر)
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرى قاتارىدىكى ئورنى
- تىلغا دائىر ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلەر
- قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
- ئۇيغۇر تىلى - ئابدۇرېھىم زۇنۇن
- ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
- ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى
- مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى