سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> گرامماتىكا

سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى

تۈر : گرامماتىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:29:13 | كۆرۇلىشى :


سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى


ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزى ياكى ئۆزەكلەرگە قوشۇلۇپ، گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدۇ. تىلىمىزىدىكى خىلمۇ خىل گرامماتىكىلىق مەنىلەر تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ ياكى شۇ سۆزنىڭ جۈملىدە قانداق رولدا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى، كېلىش قوشۇمچىلىرى، شەخس قوشۇمچىلىرى، سۈپەت ۋە پېئىلىنىڭ دەرىجە قوشۇمچىلىرى، پېئىللارنىڭ راي قوشۇمچىلىرى گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ھېسابلىنىدۇ. سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ.
(1) ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى « -نىڭ»
قولنىڭ، ئورۇندۇقنىڭ، كۆۋرۈكنىڭ
(2) چىقىش كېلىش قوشۇمچىلىرى «- دىن،- تىن»
قولدىن، ئورۇندۇقتىن، كۆزدىن، كۆۋرۈكتىن
(3) پېئىلنىڭ بۇيرۇق - خالاش رايىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى «-ڭلار، -ئىڭلار،-ئۇڭلار،-ئۈڭلار، -سۇن »:
يەڭلار، كېتىڭلار، كۆرۈڭلار، بولۇڭلار، كۆرسۇن
(4) پېئىللارنىڭ پەرەز- قارشىلىق رايى كۆپلۈك قوشۇمچىسى «- سەڭلار »:
كەلسەڭلار، كۆرسەڭلار
(5) پېئىللارنىڭ خەۋەر رايىنىڭ ئۆتكەن زامان كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى « دۇق، - تۇق،-دۇڭلار - تۇڭلار، - دۈڭلار، -تۈڭلار »:
كۆردۇق، ئۆتتۇق، ئۇردۇڭلار، سوقتۇڭلار، كۆردۈڭلار، ئۆتتۈڭلار
(6) ئىگىلىك شەخسىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى « -ڭلار، -ئىڭلار،- ئۇڭلار، - ئۈڭلار »:
ئۆپكەڭلار، دۆلىتىڭلار، تومۇرۇڭلار، كۆزۈڭلار
(7) پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە قوشۇمچىلىرى:
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ «ل، م، ن، ز، گ، غ، ڭ، ي»بىلەن ئاخىرلاشقان پېئىللارغا قوشۇلىدىغان «دۇر، دۈر» قوشۇمچىلىرى:
ئالدۇر، چۆمدۈر، ياندۇر، تەزدۈر، ئەگدۈر، ساغدۇر، تاڭدۇر، كۆيدۈر
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار «س، ش، ق، ك، پ» بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا قوشۇلىدىغان « -تۇر، -تۈر »قوشۇمچىلىرى:
باستۇر، كەستۈر، تۇتاشتۇر، تەشتۈر، سوقتۇر، بىرىكتۈر، تاپتۇر، تەپتۈر
«ر» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللار، «-دۇر، -تۇر،-تۈر،-دۈر» قوشۇمچىلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن مەجبۇرىي دەرىجىدىكى پېئىللار، «ت» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان تۈپ ۋە ياسالما پېئىللار ھەم «ت» قوشۇمچىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن مەجبۇرىي دەرىجىدىكى پېئىللارغا قوشۇلىدىغان «- غۇز، - قۇز، - گۈز،-كۈز» قوشۇمچىلىرى:
بارغۇز، بەرگۈز، قىرغۇز، يۈگۈر، ئاتقۇز، ئىشلەتكۈز، يەتكۈز
ئىشلە - ئىشلەت- ئىشلەتكۈز
ئايلان - ئايلاندۇر - ئايلاندۇرغۇز
بالا - باشلات- باشلاتقۇز
قاچ - قاچۇر - قاچۇرغۇز
سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان بارلىق پېئىللارغا ۋە «ي، ر» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق پېئىللارغا قوشۇلىدىغان «-ت » قوشۇمچىسى:
ئوينات، ئىشلەت، توقۇت، چۆچۈت، ئازايت، تارايت، ماكچايت، ئۇچۇرت، قاپارت، كۆكەرت
«چ»تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا قوشۇلىدىغان «-ئۇر، -ئۈر » قوشۇمچىلىرى:
قاچ - قاچۇر، ئۆچ - ئۆچۈر، ئۇچ- ئۇچۇر، ئىچ -ئىچۈر، ئاچ- ئاچۇر



خەتكۇچ : سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئىملاسى
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار