anadiyar.cn - anadiyar online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 20 قېتىم كۈرۈلدى
تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان قىزنىڭ ئۆيىگە 1500 ناتۇنۇش ئادەم كەلدى

جۇڭگو ئاخبارت تورى 8-ئىيۇن تېلگېراممىسى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» نىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ھامبۇرۇگدىكى بىر قىز ئالدىنقى كۈنى FACEBOOK تا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش يىغىلىشىغا دوستلىرىنى تەكلىپ قىلغان، بىراق ئۇ ئالدى بىلەن «شەخسىي پائالىيەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەنلىكى ئۈچۈن، نەتىجىدە تۇغۇلغان كۈنىدە 1500 توردىشى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يۇپۇرلۇپ كېلىپ، توپىلاڭ پەيدا بولغىلى تاس قالغان، نەق مەيدانغا نەچچە يۈز ساقچى كېلىپ تەرتىپ ساقلىغان. بۇ كىچىك ئۆمۈر يۇلتۇزى قورقۇپ ئۆيىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالماي، باشقا جايدا يوشۇرنۇپ پاناھلانغان.
بۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەن كىچىك ئۆمۈر يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى تېسسا بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ سەبىلچە ئويلاپ FACEBOOK ئارقىلىق بىر نەچچە دوستىنى تەكلىپ قىلىپ 16 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، بىراق ئۇ «شەخسى پائالىيەت» ئىكەنلىكىنى بەلگىلەشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن،  نەتىجىدە ئويلىمغان يەردىن 15 مىڭ تورداش ئۇنىڭغا خەت قايتۇرۇپ قاتنىشىدغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن تېسسا ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ پائالىيەتنى تېزدىن بىكار قىلىۋەتكەن، بىراق تۇغۇلغان كۈنىدە يەنىلا 1500 دىن كۆپرەك ناتۇنۇش ئادەم تېسسانىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ «تەنتەنىلىك پائالىيەت» ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ «تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى تېسسانىڭ ئىشكى ئالدىغا نۇرغۇنلىغان تورداشلار يىغىلغان، پۈتۈن كوچا تېسسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىدىغان ئادەملەر توپى بىلەن لىق تولغان، بىراق ئۆمۈر چولپىنى تېسسا قورقۇپ ئاللىبۇرۇن تىكىۋەتكەن، گەرچە تورداشلار ئىشكتىن كىرىشكە ئامالسىز بولسىمۇ، بىراق كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا تۇغۇلغان كۈن ناخشىنى ئېيتقان، يەنە بەزى كىشىلەر «تېسسا بىز سىزنى سۆيىمىز»، «تېسسا سىز نەدە» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۋالغان.
نەق مەيدان ئىنتايىن قالايمىغان بولغانلىقتىن، ناھايىتى ئاسانلا توپىلاڭ كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن يۈزلىگەن ساقچى نەق مەيداننى قامال قىلىپ، ساقچى ئاپشاركىسى ئېلىپ كېلىپ، نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلىغان. بىراق پۈتۈن جەرياندا يەنىلا ئىككى قېتىم ئوت سىگنالى تارقالغان، يەنە 10 نەچچە تورداش ئەينەك پارچىسىدا يارىلانغان، بىرا ساقچى يېنىڭ يارىلانغان، 11 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
يىغىلىشتىكى باش قەھرىمان شۇ كۈنى كۆرۈنمىگەن، ساقچى تەرەپنىڭ بېكىتىشىچە، تېسسا بەك قورقۇپ كەتكەچكە بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرنىۋالغان، كەچكىچە ساقلاپ كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىنلا، ئاستا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن.

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -08 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776