anadiyar.cn - anadiyar online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 19 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران سۇ ئاستى پاراخوتىنى تۇنجى قېتىم قىزىل دېڭىز ساھەسىگە ئەۋەتتى

ئىران سۇ ئاستى پاراخوتىنى تۇنجى قېتىم قىزىل دېڭىز ساھەسىگە ئەۋەتتى

www.alhux.com 
 
 
 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 7-ئىيۇن خەۋىرى: ئىران تېلېۋىزىيە ئاخباراتلىرى تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئارمىيىسى 7-ئىيۇن ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھىمايىسىدە، سۇ ئاستى پاراخوتىنى تۇنجى قېتىم قىزىل دېڭىز ساھەسىگە ئەۋەتىپ، ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلغان. ئىران دائىرلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى «خەلقئارا سۇ ساھەسىدە سانلىق مەلۇمات توپلاش ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش» ئىكەن.
يېرىم ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئىران پارس ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىران ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ بېشىدا، ئادىن قولتۇقىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلغان ئۇرۇش پاراخوتى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ قىزىل دېڭىزغا ئاتلىنىشىنى ھىمايە قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىراننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى تۇنجى قېتىم يىراق دېڭىز ساھەسىدە ھەرىكەت قىلىشقا ئەۋەتىشى ئىكەن.
ئىران ئەمەلدارى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سانى ۋە كونكرېت تىپىنى ئاشكارلىمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى ۋە دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ھەمدە رايونلۇق ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل كۆزلەۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدە تاجاۋۇزغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھاۋادىن ۋە دېڭىزدىن قايتۇرما ھۇجۇم بېرىشكە تەييارلانغان. بۇلتۇر، ئىراننىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان 4 دانە يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -07 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776