anadiyar.cn - anadiyar online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 41 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانى پاكىستان قەبىلە رايونىدا 21 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

 

www.alhux.com

 

 

شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئىيۇن خەۋىرى: پاكىستان تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،  شۇ كۈنى ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانى پاكىستان قەبىلە رايونىغا 3 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، 21 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،شۇ كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىغا ئىككى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. ئادەمسىز ئايروپىلانى شۇ ئەتراپتىكى بىر دىننىي مەكتەپ ۋە ئائىلىلەرگە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد يوقۇپ بېرىپ 17 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 5 نەپىرى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى قوراللىق ئونسۇر ئىكەن. ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، يەرلىكتىكى تالىبانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئادەمسىز ئايروپىلان قەبىلە رايونىدىكى يەنە بىر كىچىك بازارغا باشقۇرىلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىپ ، قوراللىق ئونسۇرلار ئولتۇرغان ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ئېنىق بولمىغان سىتاستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانى پاكىستان چىگرىسى ئىچىدە 36 قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بولۇپ، 260 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

 

  •  news.qq.com :مەنبە
  •  
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -06 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776