پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 5-ئىيۇن، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى نەۋشەرە شەھىرىدە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 18 ئادەم قازا قىلىپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتىلىتىش ۋەقەسى نەۋشەرە شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئىشلار رايونىدىكى بولكا دۇكىنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە، دۇكان ئىچىدە نەچچە ئون خېرىدار بار ئىكەن، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى تەبئىي گاز باكىنىڭ پارتلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوت كەتكەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىقى پاتىلىتىش ھۇجۇمى ھەربىيلەر ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىمۇ قازا قىلغان.
بۇ شۇ كۈنى پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەۋشەرە شەھىرىگە يېقىن پېشاۋۇردا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 6 ئادەم قازا قىلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئايال ۋە بىر ئۆسمۈر بالىمۇ بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 10 ئادەم يارىلانغان.
نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ئىككى قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.
«بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا مۇكاپات بېرىپ تۇتماقچى بولغان « ئىسلام جېڭى ھەرىكىتىنىڭ»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئىلياس.كەشمىرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمنى «بازا»تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ ئۆچئېلىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان
gb.cri.cn:مەنبە
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776