11 ئايلىق بوۋاق قىلالايدىغان ئىشلار
ۋاقتى: 2016-03-01
ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
11 ئايلىق بوۋاق قىلالايدىغان ئىشلار
ئايلىق بوۋاق ئۆمىلىيەلەيدۇ، ھەمدە ئاستا- ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالايدۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە سېزىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە ناھايىتى قىزىقىدۇ، ھەۋىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بەزى بوۋاقلار تېلېفوندىن ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋازغا قىزىقىدۇ، دائىم تېلېفون سىمىنى تارتىپ ئوينايدۇ. بەزىلىرى تامدىكى توك مەنبەسى تۆشۈكىگە قىزىقىدۇ، دائىم بارمىقىنى ئىچىگە تىقىدۇ، ئاتا-ئانىسى توسقانسېرى بالا شۇنچە سىناشقا ئۇرۇنىدۇ، بالا كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.