تۇغۇتتىن كېيىنكى چىللە خۇنى قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-27
ئاۋاتلىقى: 541 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
چىللە خۇنىنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئادەمنىڭ ئاز بەزى ئادەمنىڭ كۆپ بولىدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن، تۇغۇتتىن كېيىن ئالدىنقى بىر قانچە كۈندە چىللە خۇنىدا قان نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا چىللە خۇنىدا قىزىل ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك قان ئۇيۇتمىسى بولىدۇ، ئازراق بېلىق پۇرايدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچىنچى-تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە چىللە خۇنىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىدۇ، بۇ شىرىلىك چىللە خۇنى دېيىلىدۇ. ئونىنچى كۈنىگە كەلگەندە چىللە خۇنىنىڭ رەڭگى ئاققا ياكى ئاق سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئاق خۇنغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ تۇغۇت خۇنى دېيىلىدۇ.