ياخشى بولغان تۇخۇم سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىش
ۋاقتى: 2015-10-27
ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ياخشى بولغان تۇخۇم سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىش
1.كۈن نۇرى چۈرۈشتىن پايدىلىنىش، سول قولنى تۈگۈپ يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئوڭ قولدا تۇخۇمنى يۇمىلاق شەكىلنىڭ ئۈچ قىسمىغا قويۇپ، كۈن نۇرىغا قارىتىپ چۈشۈرگەندە يېڭى تۇخۇم قىزغۇچ رەڭگە كېرىپ، يېرىم سۈزۈك ھالەت بىلەن تۇخۇم سېرىقى ئالمىشىپ ئېنىق كۆرۈنىدۇ؛ ئەگەر سۈزۈك بولماي خۇنۇك ياكى داغ بولسا، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تۇخۇم ئىكەنلېكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2.تۇخۇم شاكىلىنى كۆزىتىش، تۇخۇم شاكىلىغا بىر قەۋەت قىروسىمان كۇكۇم چاپلىشىقلىق بولۇپ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى ئېنىق، ھاۋا تۆشۈكچىسى روشەن بولغىنى يېڭى تۇخۇم، كونا تۇخۇم يۇقارقىنىڭ دەل ئەكىسچە، ھەمدە مايلىق.
3.قول ئارقىلىق تۇخۇمنى سىلكىش، ئاۋازسىز بولغىنى يېڭى تۇخۇم، سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغىنى كونا تۇخۇم بولىدۇ.
4.سوغۇق سۇدا سىناش، ئەگەر سۇ ئۈستىدە تەكشى تۈز ياتسا يېڭى تۇخۇم، يانتۇ بولۇپ قالسا كونا تۇخۇم بولۇپ، ساقلىغىلى 3~5 كۈن بولغان تۇخۇم بولىدۇ.ئەگەر ئۇ سۇدا تىك تۇرسا، 10 كۈن بولغان تۇخۇم بولىدۇ. ئەگەر سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ قالسا، بۇ تۇخۇمنىڭ سۈپىتى ئاللىبۇرۇن ئۆزگەرگەن بولۇپ،سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.