بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-06-29
ئاۋاتلىقى: 565 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مور رېفلېكىسى (بوۋاقلارنىڭ بىر خىل شەرتسىز رېفلېكىسى): بوۋاقنىڭ بېشى تۇيۇقسىز يۆتكەلگەندە، ياكى ئارقىغا ئۆرۈلگەندە (ئارقىغا يېقىلغاندا)، ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۆچۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىنكاسى--قول پۇتنى ئېچىپ، بوينىنى سوزۇپ، ئاندىن تېز سۈرئەتتە بىلىكىنى يىغىپ يىغلاشقا باشلايدۇ.
ئورۇندا تۇرۇش رېفلېكىسى: قولىڭىز بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ پۇتىنى بىر تەكشىلىككە دەسسەتسىڭىز، ئۇ بىر پۇتىنى يەنە بىر پۇتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، خۇددى مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
ئوزۇقلىنىش رېفلېكىسى: سىز ئۇنىڭ قوۋۇزىنى ياكى تاڭلىيىنى يېنىككىنە چەككەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇ بېشىنى قولىڭىز تەرەپكە بۇرايدۇ، بۇ ئېمىتكەندە ئەمچەك توپچىسىنى تېپىشقا پايدىلىق.
قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك قىسقىرىش رېفلېكىسى: بېشى بىر تەرەپكە قىيسايغان ۋاقىتتا، شۇ تەرەپتىكى قولنى سوزۇپ، يەنە بىر تەرەپتىكى قولىنى ئېگىۋالىدۇ.
قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك بويۇن رېفلېكىسى: بوۋاقنىڭ قولىنى چەككەن ۋاقىتتا، ئۇ دەرھال سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتۇۋالىدۇ.
پۇتىنى تۇتۇش رېفلېكىسى: پۇتىنىڭ تاپىنىنى چەككەن ۋاقىتتا ئۇ پۇتنى ئېگىپ پۇت بارمىقىنى ئېگىۋالىدۇ.