جىددىيلىكتىن بولغان تۇغماسلىق
ۋاقتى: 2015-10-11
ئاۋاتلىقى: 678 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق بىر ئىش بەك كۆپ كۆرۈلىدۇ، يەنى ھەممە ئائىلە ئايال تەرەپنىڭ بالدۇرراق ھامىلىدار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بالدۇرراق نەۋرە يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن، بەزى قېينانا-قېينىئاتىلار ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىپ، ئايالنى بەك ئالدىرىتىپ، ئايالنى ئارامىدا قويمايدۇ، ھەركۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈتۈشكە ئالدىرىتىدۇ، بىراق نەتىجىدە تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىلمايدۇ، ياكى ئىچكى پەردە بىلەن تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى بىردەك بولمىغانلىقتىن، ھەمىشە بالىلىق بولۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، چوڭلار ئالدىرىتىشتىن توختاپ قالىدۇ، بىراق دەل مۇشۇ پەيىتتە ئايال تەرەپ ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىدار بولۇشقا ئالدىراشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر چوڭلار بەكلا ئالدىراپ قالسا، ئەڭ ياخشىسى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ سىرتقا چىقىپ بىرقانچە كۈن مەنزىرىسى گۈزەل جايلارنى تېپىپ، كەيپىياتىنى تەڭشىگەچ، ئىچكى ئاجرالمىنىمۇ تەڭشىگەندىن كېيىن ئاندىن بالىلىق بولۇش كېرەك.