6 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ كالا سۈتى تاماق تىزىملىكى تاللانمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش
ۋاقتى: 2016-04-06
ئاۋاتلىقى: 1178 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
6 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ كالا سۈتى تاماق تىزىملىكى تاللانمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش
1. كالا سۈتى كالتسىي تولۇقلايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەھلىلى: بالا تۇغۇلىشىدىنلا ساپ، ھەرخىل ياخشى يېمەكلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنى ماھىرلىق بىلەن ئالماشتۇرساق بولىدۇ، بۇ خىل كالا سۈتى بىلەن كالتسىي تولۇقلاش ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭىچە نۇسخا.
ياساش ئۇسۇلى: گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ، قازانغا سېلىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ تەييارلايمىز. بالىغا بىر قاچىغا ئېلىپ بېرىپ 3 سۈت تالقىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
2.كاۋا كالا سۈتى گۈرۈچ ئۇمىچى
ئوزۇقلۇق تەھلىلى: كاۋا تەركىبىدە مول بولغان كاروتىنلار بولۇپ، بالىنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە پايدىلىق، ھەمدە مول بولغان ئاقسىل، ئوزۇقلۇق تالاسى، مېنىرال ماددا قاتارلىقلار بار. ئورگانىك سەي تالقىنىدا تەبىئىي ۋىتامىن، خلوروفىل، يېمەكلىك تالاسى، مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىقلار ساقلانغان بولۇپ، بالنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يولىنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ياساش ئۇسۇلى:
1.كاۋىنى توغراپ، قاسقانغا سېلىپ ھوردايمىز.
2.گۈرۈچنى پىشۇرۇپ ئۇماچ قىلىمىز .
3.تۇتاشتۇرۇپ تەييارلانغان سۈت بىلەن كۈنجۈت مېيىنى قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلغان ئورگانىك يېشىل سەي تالقىنىنى ئ
ۈستىگە سېپىپ، قەنت قوشۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز.