ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەمچەكنىڭ ئۆزگىرىشى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 5-ھەپتە بولغۇچە، ھامىلىدار ئاياللاردا تۈرلۈك سېزىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەمچەكتە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، مەسىلەن: ئەمچەك توپچىسى ئىچىگە تارتىلىپ كېتىدۇ، ئەمچەكنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدىكى قان تومۇرلار بارغانچە روشەنلىشىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ 3~4 ئاي مەزگىلىدە، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەمچىكى ئاللىقاچان يوغىناپ بولغان بولىدۇ، ئازراق ئاغرىغاندىن باشقا، بەزىدە مۇنەكچىلارنى سىلىغىلى بولىدۇ، بۇ بولسا سۈت بېزىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئۇنىڭ باشقا، ئەمچەكنىڭ ئوڭ ئاستىدا داۋاملىق ئارتېرىيە سىزىقچىللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمچەك رەڭگىمۇ بارغانچە قېنىقلىشىدۇ.
تۇغۇت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە: بۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولسا تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق ئىكەن، شۇڭا جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىششىق پەيدا بولىدۇ، پەقەت بەزى كىشىلەردە كۆرۈنەرلىك بولغان ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ، بىراق بەزىلەردە بۇ خىل ئاغرىق سېزىمى تاكى يەڭگىگۈچە داۋاملىشىدۇ.
ئەمچەكنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ تۇراقلىق ۋە سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ، ئەمچەك ھالقىسى تەدرىجىي كېڭىيىدۇ، رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، ئەمچەك ھالقىسى ئۈستىگە تۇساتتىن ئەسۋە پەيدا بولۇپ قالىدۇ، (بۇ بولسا ئەمچەك ھالقا بېزى، ئۇ بىرخىل مايلىق ۋىروسقا قارشى ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا مەسئۇل، ئەمچەك توپچىسىغا قارىتا تازىلاش، سىلىقلاش ۋە قوغداش رولى بار) يەنە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. پۈتۈن ئەمچەك كۆپىدۇ، سىرتقى يۈزىدىكى سىزىقچىلار تېخىمۇ قېنىقلىشىدۇ، ئەمچەك قىسىلىدۇ، چىڭىيدۇ ۋە تولىدۇ، بۇخىل ئەھۋال ئاۋۋالقىدەكلا روشەن بولىدۇ.