ھامىلىدارلىقنىڭ 16-ھەپتىسىدىكى دادا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى
يانفوندا كۆرۈش
16 ھەپتىدىن 19 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ، ھامىلىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى ھامىلە خۇددى سەيلە قىلغۇچىغا ئوخشايدۇ، دادا بولغۇچى ھەر كۈنى ئانا بىلەن بىرلىكتە ھامىلىگە كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرىشى كېرەك، يەنە كېلىپ ئەرلەر قولى بىلەن ئانىنىڭ قورسىقىنى سىلىغان ۋاقتىدا ھامىلىنىڭ ئىنكاسىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئانىنىڭ مەلۇم نەرسىنى يېگۈسى كەلسە، ئەرلەر بۇنى ئۇرۇنسىز غوۋغا دەپ قارىماي توغرا چۈشىنىشى لازىم، بۇ بەلكىم ھامىلىدار ئانىنىڭ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكىگە ئالاھىدە خىل ۋىتامىن ياكى مىنېرال ماددىنىڭ كەم بولۇشنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھەرقانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دادا بولغۇچى چوقۇم يېگۈسى بار نەرسىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.