ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار كالا سۈتى ئىچكەندە رېئاكسىيە قىلىپ قورساقنى كۆپتۈرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلار كالا سۈتى ئىچكەندە رېئاكسىيە قىلىپ قورساقنى كۆپتۈرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-01-17 ئاۋاتلىقى: 761 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار كالا سۈتى ئىچكەندە رېئاكسىيە قىلىپ قورساقنى كۆپتۈرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بەزى بالىلار كالا سۈتى ئىچىش جەريانىدا ياكى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ۋارقىراپ يىغلاش، چىرايى قىزىرىش، تاتىرىش، ئىككى قولى يۇمۇلۇپ قېلىش، ئىككى پۇتى قورساق قىسمىغا پۈكلىنىپ قېلىش ئالامىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچى سۈرۈش، چوڭ تەرەتتە قان بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا سۇ چېچەك، مەقئەت ئەتراپى شەلۋەرەش، زىققا قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ،بۇ بەلكىم كالا سۈتى رېئاكسىيەسى بولۇشى مۇمكىن. بالا كالا سۈتى رېئاكسىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا بالىلارنىڭ دەسلەپكى يېمەكلىكنى دەرھال توختاتقاندا ئالامىتى شۇ ھامان پەسىيىدۇ.بالا 5~6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىلىرى ئاساسەن يېتىلىپ بولىدۇ، رېئاكسىيە ئالامىتىمۇ تەبىيئلا يوقايدۇ. كالا سۈتى رېئاكسىيە قىلىدىغان بالىلاردا كالا سۈتى بىلەن ياسىغان يېمەكلىكلەرنى بىر مەزگىل توختاتقاندىن كېيىن تەركىبىدە سۈت مەھسسۇلاتلىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. بالىلارنىڭ ئۈچەي شىللىق پەردىسى تەرەققىي قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۈت بىلەن بېقىش كېرەك.

ئەگەر سۈت ئورنىدىكى يېمەكلىك كالا سۈتىدە ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتە تولۇق ئەمەس دەپ قارالسا رېئاكسىيەنى يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۇسۇلى بولسا: بالىلاردا رېئاكسىيە ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئاۋۋال دەسلەپكى يېمەكلىكىنى ئىككى ھەپتە توختىتىپ سۈت ئورنىدىكى يېمەكلىككە ئۆزگەرتىش كېرەك، مەسىلەن: سۈت تالقىنى تۈرىدىكى، گۈرۈزچ تالقىنى تۈرىدىكى ياكى قوي سۈتى تۈرىدىكى قاتارلىقلار. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ساپ كالا سۈتى بىلەن بالىنى بېقىپ سىناپ بېقىش كېرەك. سىناپ ئىشلىتىش مىقدارى ئون مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئازراق ھالەت ئۆزگىرىش رېئاكسىيەسى پەقەت بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلمىسىلا ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈپ ساپ كالا سۈتىدىن 15 مىللىلېتىر بېرىش كېرەك.ھەربىر تۈردىكىلەرنى ھەر ئۈچ كۈندە 5~10 مىللىلېتىرغىچە كۆپەيتىش كېرەك، كالا سۈتى مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بالىدىكى رېئاكسىيە ئامىلى ئېغىرلاشماي تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ، سۈت مىقدارىنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈت بىلەن بېقىش ۋاقىت ئارىلىقنى قىسقارتىپ ئەسلىگە كەلگىچە بېرىش كېرەك. بۇخىل ئۇسۇل بالىلارنى تەدرىجىي كالاسۈتى يېمەكلىكلىرىگە ماسلاشتۇرىدۇ، ھەمدە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كالا سۈتى رېئاكسىيە قىلىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ماس كېلىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئىشتىھاسى ياخشى بوۋاقلار سۈتنى جىق ئىچىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، بۇ بالىلاردا دائىم قورساق كۆپۈش يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل قورساق كۆپۈش فىزىئولوگىيەلىك قورساق كۆپۈش دەپ ئاتىلىدۇ، كونكرېتنى ئالامىتى بولسا: بالىنىڭ قورساق قىسمى يۇمشاق، قورساق قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن كۆكرەك قىسىم تەكشى ھالەتتە، چوڭ تەرەت نورمال تىل گېزى سۇس، جاۋغىيىدىن سۈت ئېقىش، بالىلاردا بىئارام بولۇش بولماسلىق، ئۇيقۇسى نورمال بولۇش، بۇخىل قورساق كۆپۈشكە نىسبەتەن ئانىلار جىددىييلەشمىسىمۇ بولىدۇ.

ساپ سۈت تەركىبىدىكى مېنىرال ماددىلار ئانا سۈتىنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى، بالا ئاسانلىقچە سۈمۈرۈپ پايدىلىنالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قورساق كۆپۈش كېلىپ چىقىدۇ. ساپ سۈت تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى بىرقەدەر ئاز بولغاچقا بالا ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر ساپ سۈت ئىچىش بىلەن ماي قوشۇلغان سۈت تالقىنى ئىچىش زۆرۈر بولسا سۈتكە تۆتتىن بىر سۇ قوشۇش، يەنە %5لىك قەنت قوشۇش كېرەك. سۈت بېرىشتىن بۇرۇن سۈتنى پىشۇرۇش، سۈت تەركىبدىكى ئاقسىلنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش،ئۇيۇپ قالغان كاللەكچىلەرنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئاسان سۈمۈرۈپ ھەزىم قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئانىلار قول ئالقىنى ئارقىلىق سائەت سېتىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە بالىنىڭ كىندىك قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش، ھەرقېتىمدا بەش ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ بېرىش، ئۈچەينى غىدىقلاش ئارقىلىق لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ قورساق كۆپۈشى ۋە چوڭ تەرىتىنىڭ راۋان بولماسلىقنى ياخشىلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى