بالىنىڭ بۇرنى قانىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟
ۋاقتى: 2016-05-16
ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىنىڭ بۇرنى قانىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟
بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ھەم ئاجىزلىق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەگەر بالىلاردا دائىم بۇرۇن قاناشتىن باشقا بۇرۇن سەزگۈرلۈككە گىرىپتار بولسا، بۇرۇندىن سارغۇچ ياكى يېشىل رەڭلىك بۇرۇن سۇيۇقلىقى ئاقسا، يەنە لەۋلىرى دائىم قىزىرىپ يېرىلىپ تۇرسا ئىسسىقلىق تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. ئاۋۋال قىزىتمىنى ياندۇرۇش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئادەتتە بالىلارغا زىيادە پۇراقلىق پارچە يىمەكلىك، مەسىلەن، چۇچىبىڭ، شاكىلات، ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتارلىقلارنى يىگۈزمەسلىك كېرەك.
ئەگەر بالىلاردا بەدەن ئاجىزلىقتىن بۇرۇن قاناش يۈز بەرسە، تۆۋەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا قارىتا تولۇقلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
1.تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش
ئەگەر ئاسان بۇرۇن قانىسا، تۆمۈر تولۇقلاش بەدەندە قان ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق، تۆمۈر بولسا قىزىل قان شارچىسىدىكى ئاساسلىق ماددا__ قان قىزىل ماددىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى.
2.ۋىتامىن C نى تولۇقلاش.
كوللاگىن ئاقسىلى بولسا، ئادەم بەدىنى توقۇلمىلار ساغلاملىقىنى ساقلايدىغان زۆرۈر ماددا، ۋىتامىن Cبولسا كوللاگىن ئاقسىلىنى شەكىللەندۈرىدىغان زۆرۈر ماددا. يۇقىرى نەپەس يولى توقۇلمىلاردىكى كوللاگىن ئاقسىلى شىىلىمشىق سۇيۇقلۇقلارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلارغا چاپلىشىشىغا ياردەم بىرىپ، بۇرۇن كاۋىكى ھەم بۇرۇن بوشلۇقىدا نەمخۇش قوغدىغۇچى پەردىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
3.ۋىتامىن Kنى تولۇقلاش
ۋىتامىن Kبولسا نورمال قان ئۇيۇتۇش رولى بار. كېلىش مەنبەسى بولسا، كۈندۈر، خەيدەي، ھەمدە بارلىق يېشىل سەي –كۆكتاتلاردىن كېلىدۇ.