بوۋاقنىڭ ھەرىكىتى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى
ۋاقتى: 2016-05-21
ئاۋاتلىقى: 805 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقنىڭ ھەرىكەت ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ چېنىقتۇرۇلۇشى ئاساسلىقى ئاساسىي بەدەن ھەرىكەتلىرىگە تايىنىدۇ، يەنە توپ تېپىش قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش مۇرەككەپ بەدەن ھەرىكەتلىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
3~5 ئايلىق بوۋاقلارنى كۆپرەك ئۆرۈلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش
بۇ مەزگىلدە بوۋاق ئۆرۈلۈشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. دەسلىپىدە قولىغا تايىنىدۇ، بىراق تولۇق ئۆرۈلۈش ئۈچۈن پۇت قىسىمنىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۆرۈلۈش ھەرىكەت ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى ھەرىكەت بولۇپ، بوۋاق ئۆرۈلۈشنى ئۆگەنگەندە ئۇنى كۆپرەك ئۆرۈلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇرۇش كېرەك.
6~8 ئايلىق بوۋاقلارنى كۆپرەك ئۆمىلىتىش
بۇ چاغدا، بوۋاق ئاستا-ئاستا ئۆمىلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. دەسلەپتە كۆكرىكىنى يەرگە تېرىۋالغان بولسا، كېيىن ئاستا-ئاستا يەردىن كۆتۈرەلەيدۇ. ئۆمىلەش پۇت-قول ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۆرۈلۈشكە قارىغاندا ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇش بىلەن بىرگە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيشى، بوشلۇقتىكى ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق.
8~12 ئايلىق بوۋاقلارنى مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش
8ئايدىن كېيىن بوۋاقلار مېڭىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ.
تۇرۇش ۋاقتى: بوۋاقنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشنى ئۆگىنىشى چوقۇم سۆڭەكلىرى يېتىلىپ ئۆز ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلەيدىغان بولغاندىن كېيىن بولۇشى لازىم. ئادەتتە ئەزالارنىڭ نورمال يېتىلىش تەرتىپى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا بولىدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەت تەرەققىياتىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈش، ئۆرۈلۈش، ئولتۇرۇش، ئۆمىلەش، تۇرۇش، مېڭىز تەرتىپى بويىچە بولىدۇ. بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ.
بوۋاقلار ئادەتتە 8ئايلىق بولغاندىن كېيىن، يەنى ئۆرۈلۈش، ئولتۇرۇش، ئۆمىلەش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تام ياكى باشقا نەرسىلەرگە تايىنىپ تۇرالايدۇ.
يېڭى تۇغۇلغاندا: قەدەم ئېلىش رېفلىكىسى بار بولۇپ، بىر ئاز تۇرالايدۇ.
3-4ئايدا: يۆلەپ تۇرغۇزغاندا، ئاستىنقى بەدىنى تولۇق يېتىلمىگەن بولغانلىقتىن تىزى ئېگىلىپ قالىدۇ، قارىماققا كۈچسىز بولۇپ، تۇرالمايدۇ.
5-6ئايدا: قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزغاندا تۇرالايدۇ ۋە سەكرەيدۇ.
7-8ئايدا: بەدىنىنى رۇسلىيالايدۇ، يۆلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قىسقا ۋاقىت تۇرالايدۇ.
9ئايدا: ئۆزى نەرسىلەرگە تايىنىپ تۇرالايدۇ.
10-12ئايدا: مۇستەقىل ھالدا بىردەم تۇرالايدۇ.