بالىلارنىڭ زۇكامداپ قالغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟
ۋاقتى: 2016-05-22
ئاۋاتلىقى: 533 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىلارنىڭ زۇكامداپ قالغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟
كىچىك بالىلار زۇكىمىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ناھايىتى پەرقلىق بولىدۇ، يەڭگىلرەكلىرىدىن بۇرنىدىن سۈزۈك سۇ ئاقىدۇ، بۇرنى پۈتىدۇ، چۈشكۈرىدۇ ياكى ياش ئارىلىشىپ قالىدۇ، ئازراق يۆتۈلىدۇ، يۇتقۇنچاق قىسمى بىئارام بولىدۇ. ئادەتتە 3-4 كۈندە ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ. يەنە بەزىدە قىززىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ،بادام بەز ياللۇغلىنىش ھەمدە لىمفا تۇگۈنچىسى ئىششىپ يوغىناش كۆرۈلىدۇ. قىززىتما 2-3 كۈندىن بىر ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ.
كىچىك بالىلار زۇكامدىغاندا يەنە قۇسىدۇ، ياندۇرىدۇ. بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39-40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقرى بولىدۇ، يەنە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، بېشى ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، تامىقى ئازلاپ كېتىش، ئۇيقۇسى خاتىرجەم بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.