ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردا دائىم ھۆل تەمرەتكە چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قانداق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئەڭ ياخشى؟

بالىلاردا دائىم ھۆل تەمرەتكە چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قانداق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئەڭ ياخشى؟

ۋاقتى: 2015-05-16 ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىمۇ بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى، شۇڭلاشقا بالىغا ھۆل تەمرەتكە  چىققاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشتىن سىرت يەنە ئوزۇقلىنىشتىكى نامۇۋاپىق تەرەپلەرنى ئىزدەپ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنى تېپىپ چىققاندا ئاندىن قاراتمىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئىمكانقەدەر ئانا سۈتى بىلەن چوڭ قىلىش، ئادەتتە ھۆل تەرەتكە چىققان بالىلارنىڭ قاتارىدا ئانا سۈتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

2. بالىغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشقاندا ئاز-ئازدىن قوشۇش ئارقىلىق بالىنى ئاستا-ئاستا ماسلاشتۇرۇش كېرەك، ئاتا -ئانىلار چوقۇم قانداق يېمەكلىكلەرنىڭ بالىغا رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشى لازىم.
3. ئەگەر مەلۇم بىر خىل يېمەكلىك بالىغا رېئاكسىيە قىلسا، دەسلىپىدە ئاز مىقداردا، كىيىن بارا-بارا مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بالىنى بۇ خىل يېمەكلىككە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. تۇخۇم يېگەندە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى يېگۈزمەي،سېرىقىنى يېگۈزۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى يېگۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
4. ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىغا نىسبەتەن بېلىق، راك قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز بېرىش ياكى بەرمەسلىك كېرەك.
5. كېسەل بالىغا مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تەركىبىدە تالا ۋە ۋىتامىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئارقىلىق بالىنىڭ فزولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى تەڭشەش ۋە تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
6. بالىنىڭ سەمىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى سېمىز بالىلاردا ھۆل تەمرەتكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 
  ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،  بالىنى غىزالىنىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاشقا ماسلىشىش، ھۆل تەمرەتكىنى تىزگىنلەشكە بولىدۇ. گەرچە قىسقا  ۋاقىت ئىچىدە تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ھۆل تەمرەتكە بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. 
.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى