بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكى مۇھىم ئىش(1)
ۋاقتى: 2016-06-24
ئاۋاتلىقى: 804 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكى مۇھىم ئىش(1)
چوڭلار قايسى ئىشلارنىڭ بىخەتەر، قايسى ئىشلارنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلېكىنى بىلىدۇ. شۇنداقلا قانداق نەرسىلەرنىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق، شۇڭا ئائىلىدىكىلەر بالىغا قارىغاندا ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشى ۋە ئەستايىدىل بولۇشى زۆرۈر. ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ۋە بالا ئۇچرىشىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
1.بالىنى بوۋاقلار ھارۋىسىغا سالغاندا، ئېگىز پۇتلۇق ئورۇندۇققا ياكى بۆشۈككە سالغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چوقۇم ياخشى باغلاش كېرەك.
2.بالىنىڭ ئويۇنچۇقىدىكى ئۇچلۇق قىرلارنىڭ بالىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش شۇنداقلا بالىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقلارنى ئاغزىغا سېلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق كىرەك.
3.بالا ئۆمىلەپ ئوينىغاندا چوقۇم بىر ئادەم يېنىدا ھەمراھ بولۇشى، ئېگىز جايلاردىن يىقىلىپ چۈشۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
4.بوۋاقلارنىڭ كارىۋىتى ئۈستىدە ھىچقانداق سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن نەرسىلەر ياكى ئېغىزى ئوچۇق سومكىلارنى قويماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ نەرسىلەر بوۋاقنىڭ ئېغىز –بۇرنىنى توسۇۋېلىپ بوۋاقنىڭ نەپەس سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقنى يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاتماسلىق، كىچىك نەرسىلەرنى بالىنىڭ قولى يېتىدىغان يەرلەرگە قويماسلىق كېرەك.
5.ئۆز قولىڭىز بىلەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىنى تەييارلاڭ. ئەگەر سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن بالىغا ئوزۇقلۇق تەييارلىسىڭىز بىخەتەرلىك مەسىلىسى تەبىئىيلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇللىرىغا ۋە ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئەڭ يېڭى، تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلار كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىسىز. بۇنداق بولغاندا تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
Tags: بوۋاق بىخەتەرلىك