بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(4)
يانفوندا كۆرۈش
1. ۋېتامىن A
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: كۆزنىڭ كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئۈچەي ئاسان يۇقۇملىنىش، تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە يىرىكلىشىش، ھەرخىل تېرە داغلىرى پەيدا بولۇش قاتارلىقلار.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، سۈت تۈرىدىكىلەر، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، پەمىدۇر، قىزىل تاتلىقياڭيۇ، كۆممىقوناق، ماندارىن قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.
8. ۋېتامىن B1
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئىشتىھاسى ناچارلىشىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، ئاسان ھېرىپ قالىدۇ، ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش، ئاۋازى بوغۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن B1مول بولغان يېمەكلىكلەردىن گازىر، ئۇن تائاملىرى، سۇلۇ يارمىسى، توپانلىق گۈرۈچ، يېڭى كۆكتات، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى ياكى بۆرىكى، تۇخۇم، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.