ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى ئىرسىي كېسەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن داۋالاپ ساقايتىشقا بولمايدۇ. ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا: ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەگەر تويدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىرسىيەت تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىققاندا ھەمدە تۇغۇتتىن بۇرۇن ياخشى تەكشۈرتۈپ دىياگنوز قويدۇرغان چاغدا كېيىنكى ئەۋلادلاردا ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
1. تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش: ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى نورمال ئادەملەر بىلەن پەرقسىز بولغاچقا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئىرسىيەت بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، تويدىن بۇرۇن ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش، ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ خىل كېسەلنى تىزگىنلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
2. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش: ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى گېنىنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسى بولغاندا، ھەر قېتىم ھامىلىدار بولۇپ 12-ھەپتىسىدىن كېيىن ھامىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، دەرھال ھامىلىدارلىقنى ئاياغلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھامىلە سۇلۇق ئىششىقى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ۋە β ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.