ئېغىر دەرىجىدىكى يارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش
ۋاقتى: 2014-01-08
ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆپىنچە سوقۇلۇپ يارىلىنىش، ئىچكى ئەزالار زەخىملىنىش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئارتېرىيە تومۇرى يېرىلىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىنىڭ چىرايى سارغىيىش، تومۇر سوقۇشى جانسىز بولۇش، روھى چۈشكۈنلۈك، تىت-تىت بولۇش، يەنە شۈك بولۇپ قېلىشمۇ بىرگە كېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار تېز سۈرئەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىنىڭ تىنىچلاندۇرۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلگەندىن كېيىن بالىنى ئالاھىدە ياسالغان شۈك بولۇشتىن ساقلاش كىيىمى ئارقىلىق دوختۇرخانىغا يۆتكەش، ئەگەر مۇمكىن بولسا بالىغا ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش كېرەك.