بوۋاقلاردىكى قاتما كېسەلنىڭ ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى
ۋاقتى: 2015-06-29
ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. پەرۋىش
بوۋاقنى تىنىچ، نۇر چۈشمەيدىغان مۇھىتتا ياتقۇزۇش، ئىمكانقەدەر غىدىقلىغۇچى ئامىللاردىن يىراق تۇرغۇزۇپ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىش. قاتما كېسەللىك مەزگىلىدە تاماقتىن پەرھىز تۇتقۇزۇش لازىم، تاماقتىن پەرھىزلىنىش مەزگىلدە ۋېنادىن ئوزۇقلۇق بېرىش، كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىگەندىن كېيىن غىزالاندۇرۇش كېرەك. كىندىكىنى %3 لىك ھىدرو پېروكسىد ئارقىلىق يۇيۇپ يود، ئىسپىرت سۈرتۈپ بېرىش لازىم.
2. ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش
پەقەت ئەركىن ھالەتتىكى قاتما تاياقچە باكتېرىيەسىگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك، نېرۋونلار بىلەن بىرىكىۋالغان توكسىنغا نىسبەتەن ئۈنۈمى يوق. شۇڭلاشقا قانچە بۇرۇن داۋالانسا شۇنچە ياخشى. قاتما كېسەللىكى ئانتىتوكسىنى ‹TAT›دىن 10-20مىڭ IU نى مۇسكۇلدىن ياكى ۋېنادىن ئوكۇل قىلىش. IU3000نى كىندىك ئەتراپىدىن ئوكۇل قىلىش، ئوكۇل ئۇرۇشتىن ئاۋۋال تېرىدە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى ئىشلەش، ياكى قاتما ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى‹ TIG›دىن 500IUمۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىشقىمۇ بولىدۇ، TIGنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى، يىمىرىلىش دەۋرى 30 كۈنگە يېتىدۇ ھەم زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى يۈز بەرمەيدۇ، بىراق باھاسى قىممەت.
تارتىشىپ قېلىشنى توختىتىش دورىلىرى
1. دىشپەن
كۆرسەتمە بويىچە، ھەر قېتىمدا 0.3-0.5mg/kg، ۋېنادىن ئاستا ئوكۇل قىلىنىدۇ، بەش مىنۇتتا ئۈنۈملۈك قويۇقلىقىغا يېتىدۇ، بىراق يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى قىسقا، داۋالاشقا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ،4-8 سائەتتە بىر قېتىم.
2. فېنول باربىتال ناترىي
تۇنجى قېتىملىق ئىشلىتىلىش مىقدارى 15-20mg/kg، ۋېنادىن ئاستا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدۇ.ھەركۈنى 5mg/kg، 4-8 سائەتتە بىر قېتىم، ئەن تىدىڭ بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
3. %10 لىك خلورال گىدرات
ھەر قېتىمدىكى ئىشلىتىلىش مىقدارى 0.5ml/kg، ئاشقازان نەيچىسى ئارقىلىق ئۈچەيگە ئۇرۇلىدۇ. ئادەتتە كېسەل قوزغالغان چاغدىكى ۋاقىتلىق داۋالاش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
4. ئانتىبىئوتىكلار
پېنىتسېللىننى ھەر كۈنى U/kg 20تۈمەن ياكى توۋباۋ جۈنسۇ، جىياشاۋ زو قاتارلىقلارنى ۋېنادىن 7-10 كۈنگىچە ئۇرۇش ئارقىلىق قاتما تاياقچە باكتېرىيىسىنى يوقىتىشقا بولىدۇ.
Tags: