بالىغا سۈنئىي ئوزۇق بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ۋاقتى: 2015-09-28
ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: مېنڭ بالام سۈنئىي ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ھەر قېتىم دۇختۇرغا كۆرۈنگەندە «مېۋە- چىۋىنى ئۈچ ئايدىن كېيىن قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ» دەيدۇ. ئەمما كىتابتا دېيىشىچە ئىككى ئايدىن كېيىنلا بېرىشكە بولىدىكەن، مەن قايسىسىغا ئىشىنىشىم كېرەك؟
جاۋاب: بوۋاق بىر ئايلىق بولغاندا، ئانىلار سۈنئىي ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلانغان بوۋاقلارغا باشقا يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشى كېرەك. نورمال ئېيىغا توشقان، سۈنئىي ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلانغان بوۋاققا بېلىق مېيى، كالتىسىي تابلېتكىسى، ۋىتامىن C، ۋىتامىنA، تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. قويۇق بېلىق مېيىنى ھەرقېتىم بىر–ئىككى تامچە، بىر كۈندە 3 قېتىم بېرىش، يەنە ئازراق كۆكتات، مېۋە سۈيى بېرىپ ۋىتامىن C تولۇقلاپ بېرىش كېرەك.