ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ھۆل قەغىزىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

بوۋاقلار ھۆل قەغىزىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بوۋاقلار ھۆل قەغىزىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى

ھۆل قەغەزنىڭ قېپىغا زاۋۇت ئادرېسى، ئىسمى، تېلېفون نومۇرى، ساقلىنىش مۇددىتى، ئۈنۈملۈك تەركىبى، ئىشلەپچىقىرىش تەستىق نومۇرى، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى، سەھىيە ئىجازەتنامىسى، ئىجرا قىلىش سەھىيە ئۆلچەم نومۇرى، ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى  كېرەك، بۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھۆل قەغەزنى بۇرۇنغا قويۇپ پۇرىغاندا، ئەلا سۈپەتلىك ھۆل قەغەزدە بىر خىل يېقىملىق سۇس پۇراق بولۇپ ھېچقانداق غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى يوق. سۈپىتى ناچار ھۆل قەغەزدە بىر خىل روشەن غىدىقلاشچان پۇراق بولىدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك ھۆل قەغەزگە ئىشلىتىلگىنى بولسا يىپەكسىز رەخت بولۇپ، پاكىز، ھەر قانداق ئارىلاشما ماددا يوق، ئىشلەتكەندىن كېيىن يۇڭى چىقمايدۇ. سۈپىتى ناچار ھۆل قەغەزنىڭ يۈزىدە روشەن ئارىلاش ماددىلار بار بولۇپ ئىشلەتكەندىن كىيىن  روشەن ھالدا يۇڭى  چىقىدۇ.

ھۆل قەغەزنىڭ سۈپەت ساقلاش مۇددىتىگە دىققەت قىلىش: «بوۋاقلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان پەرۋىش قەغىزى» مەخسۇس بوۋاقلارنىڭ يۈزى ياكى كاسسىسىنى تازىلاش ۋە ئاسراشقا ئىشلىتىلىدۇ، سۈپەت ساقلاش مۇددىتى 1.5-3 يىل.


ھۆل قەغەز بىلەن بىۋاستە كۆز، قۇلاق ۋە شىللىق پەردىنى تازىلاشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئىشلەتكەندىن كىيىن تېرىسى قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىش، غىدىقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىش، ئەھۋالى ئېغىر بولسا دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپىرىش كېرەك.

ئانىلارغا قول، يۈزنى يۇغاندا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ھۆل قەغەز سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئانىلار قارشى ئالىدىغان ھۆل قەغەزنىڭ ماركىلىرىدىن مۇنۇلار بار: بېيچىن ئىسپىرىتسىز بوۋاقلار ھۆل قەغىزى، چىياڭشېڭ بوۋاقلار ھۆل قەغىزى،ياخشى بالا بوۋاقلار ھۆل قەغىزى، كاڭبېي بوۋاقلار ھۆل قەغىزى، قىزىققاق بوۋاقلار ھۆل قەغىزى، نىپياۋ بوۋاقلار PP ھۆل قەغىزى، قوزامغا ياردەم بېرىپ ئاسراش بوۋاقلار ھۆل قەغزى، ئوماق قوزام بوۋاقلار ھۆل قەغىزى،سېرىق ئۆردەك چۆجىسى بوۋاقلار ھۆل قەغزى .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى