ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تېرە سۈرۈلۈپ كېتىشنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدە

تېرە سۈرۈلۈپ كېتىشنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-02-26 ئاۋاتلىقى: 587 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېرە سۈرۈلۈپ كېتىشنى بىرتەرەپ قىلىش:
 بالىلاردىكى تېرە سۈرۈلۈپ كېتىش ئاساسلىقى جەينەك، ئالقان، تىز قاتارلىقلاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئادەتتە قاناش، تېرە زەخمىگە ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. 

  مۇناسىپ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئەگەر يېنىك سۈرۈلگەن، يۈزى بىرقەدەر پاكىز، دائىرىسى بىرقەدەر كىچىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، يارا ئېغىزىنىڭ قاقاچ تۇتۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يارا ئەتراپىغا يود تىنكتۇرىسى(碘酒) سۈركىگەندىن كېيىن پاكىز داكا بىلەن تېڭىپ قويسىلا كۇپايە. ئەگەر يارا ئېغىزىدا توپا ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەر بولسا فزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى ياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئارقىلىق پاكىز يۇغاندىن كېيىن يود تىنكتۇرسى سۈرتۈپ ئۈستىگە ئازراق باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى سۈركەپ داكا بىلەن تېڭىپ قويسا بولىدۇ. ئەگەر جاراھەت ئورنىدا قىزىش، ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولمىسا يارا ئېغىزى  2-3 كۈننىڭ ئىچىدە قاقاچ تۇتۇپ پۈتىدۇ. ئەگەر يارىلانغان ئورۇننىڭ يۈزى بەك چوڭ بولغان، يارا ئۈستىدە يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان توپا ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەر بولغان، ئورنى مۇھىم بولغان ‹مەسىلەن: يۈز قىسمى› ئورۇنلاردىكى سۈرۈلۈپ كېتىشلەرگە نىسبەتەن ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان تەكلىۋىمىز بالىنى تېزدىن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئاپىرىپ يارا يۈزىنى تازىلىتىش ۋە قاتما كېسىلى ئانتېتىللاسى ئۇرغۇزۇش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى