بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش بىلىملىرى
يانفوندا كۆرۈش
ئالما، ئاپېلسىن، ئاناناس، پەمىدۇر، سەۋزە ۋە بۇغداي ئۈندۈرمىسى قاتارلىق تەبىئىي مېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن ئېلىنغان ۋىتامېن C، ۋىتامېن E، ۋىتامېن P قاتارلىقلار بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان تەركىبلەر بولغاچقا، مېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن ئېلىنغان ۋىتامېن C بوۋاقلارنىڭ سۈمۈرۈپ ھەزىم قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ۋىتامېن C كوللاگېننىڭ بىئولوگىيەلىك بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزىملار زەخمىسىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ تۆمۈر ، كالتسىي ۋە فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ياخشىلاپ، سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىل تومۇرلار دىۋارىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنى ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئەركىن رادىكالنىڭ زىيان-زەخمىتىدىن ساقلاپ، بەدەننىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى غىدىقلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.