تۇخۇملۇق بەرەڭگە پوشكىلى
ۋاقتى: 2016-03-04
ئاۋاتلىقى: 673 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: 10 ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بىر تال تۇخۇم، بىر تال بەرەڭگە، پىياز، تازىلانغان تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) بەرەڭگىنى ئاقلىغاندىن كېيىن، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، ئۇنى چوڭراق قاچىغا ئېلىپ ئۈستىگە تۇخۇمنى چاقىمىز، ئۈستىگە ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ، ئازراق تۇز قوشىمىز، ئاندىن چوكا بىلەن ئۇلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
2) تۈز تەگلىك قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كېيىن، ئۇماچسىمان خۇرۇچىمىزنى قازانغا يېيىتىپ قۇيىمىز، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن پوشكالنى ئۆرۈيمىز، ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ، بەرەڭگە قەلەمچىسى پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە ئالساقلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئەگەر ئانا بولغۇچى بەرەڭگە قەلەمچىسىنى ئىنچىكە توغرىيالمىسا، سەۋزە قىرغۇچ بىلەن قىرسىمۇ بولىدۇ. پىشۇرغان ۋاقىتتا ئوت بەك كۈچلۈك بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا تۇخۇم كۆيۈپ كېتىپ، بەرەڭگە پىشماي قالىدۇ. بەرەڭگە قەلەمچىسىنى سۇدا يۇماسلىق كېرەك، چۈنكى بەرەڭگىنى سۇدا يۇغاندا كراخمال تەركىبى ئازلاپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئاسان پىشمايدۇ.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنى داۋالاش