بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنى داۋالاش
ۋاقتى: 2015-11-17
ئاۋاتلىقى: 761 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بوۋاقلارغا بىر قىسىم ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان دورىلارنى بېرىش كېرەك، مەسىلەن، فېرمېنىت تابلىتى، كۆپ خىل ئېنزىم تابلىتى، ئاشقازان ئاقسىلى بىرىكمە دورىسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭيى تىبابەت دورىلىرىدىن كۈچلەندۈرۈرش كۇمىلىچى، ساغلاملاشتۇرۇش كۇمىلىچى، تالنى قۇۋۋەتلەش كۇمىلىچى قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ، بەدەندە سۇلۇق ئىششىش بولغانلار تالنى قۇۋۋەتلەش ئادەمگىياھ كۇمىلىچىنى يېسە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەرخىل ۋېتامىنلارنى بەرسە بولىدۇ، مەسىلەن، ۋېتامىن A،D،C شۇنداقلا بىرىكمە ۋېتامىنلار قاتارلىقلار.
ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى ناچار بولسا، ھىدرولىزلانغان ئاقسىل(水解蛋白) ئىچكۈزسە بولىدۇ. كۈندە 2~4 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10~20 گرامدىن ئىلمان قايناقسۇ، مېۋە شەربىتى ياكى شېكەر سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزسە بولىدۇ.
ۋاقتىدا يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئانا سۈتى يېتىشمىگەنلەر قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش كېرەك. قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە، ئاقسىل مىقدارىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاسان ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بوۋاقلارغا تۇخۇمدا تەييارلانغان ئۇيۇتمىلارنى بەرسە بولىدۇ. شارائىت يار بەرسە ھەرخىل سۈت، قېتىق، سۈت پاراشوكلىرى، قايماق قاتارلىقلارنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. بالا ئازراق چوڭ بولغاندا، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى تاللىماي يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايدۇ.
ئۇۋۇلاش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.