بەرەڭگە(ياڭيۇ) ئۇمىچى
ۋاقتى: 2015-10-17
ئاۋاتلىقى: 754 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: 6~9 ئايلىق بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بەرەڭگىدىن 200 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) بەرەڭگىنى ئاقلاپ، پاكىز يۇيىمىز.
2) بەرەڭگىنى سۇغا سېلىپ بىردەم قاينىتىپ، يۇمشىتىپ ئالىمىز.
3) بەرەڭگىنى ئىسسىق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سوقۇپ ئېزىمىز.
4) ئالدىن تەييارلانغان بىر ئىستاكان قۇرۇق شورپىنى ئېزىپ تەييارلانغان بەرەڭگىگە قۇيۇپ سۇيۇلدۇرىمىز، تاكى ئۇماچ ھالىتىگە كەلگىچە سۇيۇلدۇرىمىز.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: بەرەڭگە ھەزىم قىلىش ناچارلىنىش، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، روھسىزلىنىش، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاغرىش، بوغۇملار ئاغرىش، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا ياخشى شىپا قىلىدۇ، ئۇ يەنە ئاشقازان كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ياخشى بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكى بولالايدۇ.
Tags: