قىرقى ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ تاماق رىسالىسى
ۋاقتى: 2015-05-19
ئاۋاتلىقى: 943 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قىرقى ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ تاماق رىسالىسى
ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ ئانا بولماق نېمىدېگەن تەس ئىش ھە! ئۇنداقتا قىرقى ئىچىدىكى ئايالغا نىسبەتەن قايسى خىل تاماق ئەڭ مۇۋاپىق؟
1.تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكې تۆمۈر ماددىسىنىڭ قان ئاز تۇغۇتلۇق ئايالغا داۋالاش ئۈنۈمى بار.
2.نىلۇپەر قوۋۇرغا شورپىسى قىرقا مەزگىلدىكى قان ئازلىق ئالامىتىنى داۋالايدۇ. نىلۇپەرنىڭ يەنە نېرۋا جىددىيلىكىنى پەسەيتىش رولىمۇ بار. 3.سەۋزىنىڭ تەركىبىدە مول ۋېتامىنلار بار بولۇپ ، تۇغۇتلۇق ئايالغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى قورۇما ھېسابلىنىدۇ.
4.كۈنجۈت تەركىبىدە كالتسىي يۇقىرى، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا كالتسىي كەملىك ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5.قۇرۇق سەدەپنىڭ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، بۇ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى داۋالايدۇ.
6.يېپىشقاق گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، قۇۋۋەت بولىدۇ.
7.يەر ياڭىقى قان توختىتىدۇ ھەم قان تولۇقلايدۇ. شۇڭا قان توختىماسلىق ۋە قان ئازلىقنى داۋالاش، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بار. 8.كەرەپشە تەركىبىدە تالا ماددا يۇقىرى ، كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
9.بېلىق تەركىبىدە كالتسىي يۇقىرى بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
10.قارا پۇرچاق تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە ۋىتامىن بار بولۇپ،پۇتىغا يەل سېلىپ كەتكەن قورساق ۋە بەدەندىكى مۇسكۇللىرى بوشۇشۇپ كەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ
11.سەدەپچە خولېستېرىنلىق مەھسۇلات بولۇپ تەركىبىدە ئاقسىل يۇقىرى، تۇغۇتتىن كىيىنكى ماغدۇرسز ئورۇقداپ كەتكەن شۇنداقلا بۆرەك زەئىپلىشىپ سۇلۇق ئىششىق بولۇپ كەتكەن ئاياللارغا ماس كېلىدۇ.