ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆپ سىيىش نورمال ئىشمۇ؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆپ سىيىش نورمال ئىشمۇ؟

ۋاقتى: 2016-02-29 ئاۋاتلىقى: 546 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا، ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ تېزلا سىيگۈسى كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، چۈنكى بالىياتقۇ چوڭىيىپ، يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، قورساقنىڭ كۆپ قىسىم بوشلىقىنى ئىگىلىۋالىدۇ، دوۋساقنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، ئۇنى غىدىقلايدۇ-دە سىيگۈسى كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا پات-پات سىيگۈسى كېلىش نورمال ھېسابلىنىدۇ.

 ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پات-پات سىيگۈسى كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
ئادەتتە مۇۋاپىق دەرىجىدە سۇ تولۇقلاپ تورۇش، بىراق ئارتۇق مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىكى بىر-ئىككى سائەتتە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
سىيگۈسى كەلگەن ھامان سىيىش، چىڭقاپ تۇرۇۋالماسلىق لازىم، چۈنكى بەك ئۇزۇن چىڭقاپ تۇرۇۋالغاندا دوۋساقنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا سىيەلمەسلىك، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سۈيدۈك يولىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.
  مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدىغان چېنىقىشلارنى قىلىش، دوۋساق مۇسكۇلىنىڭ يىغىلىشىنى كۈچەيتىپلا قالماسلىق، يەنە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كونتىرول قىلىدۇ، يەنە تۇغۇت يولىنىڭ يېرىلىپ زەخمىلىنىشىنىڭ پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سىرتقى جىنسىي يولنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۇخلىغاندا يانچىلاپ يېتىش.
ھەر كۈنى ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئېلىمان سۇ بىلەن سىرتقى جنسىي يولنى يۇيۇپ تۇرۇش.
جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇش.
ئوزۇقلۇقنى ۋە بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇش.
پات-پات سىيگۈسى كېلىش پەقەت كىچىك تەرەتنىڭ دائىم كېلىشى، بەدەندە ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىك كۆرۈلمەيدۇ.
ئەگەر پات- پات سىيگۈسى كېلىشتىن باشقا يەنە سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك تامچىلاپ كىلىش، قىزىش كۆرۈلسە ۋە بەل ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنڭ ئالامىتى، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى