بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ بارلىققا كەلدى
ۋاقتى: 2016-06-05
ئاۋاتلىقى: 1377 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ بارلىققا كەلدى
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەنلىك تەتقىقاتلار كەشىپ قىلغان بىر تۈرلۈك ئەپ پىروگراممىسى بوۋاقلارنىڭ ئوخشىمىغان يىغا ئاۋازىدا ئىپادىلەنگەن مەنىنى ئانالىز قىلىپ بېرەلەيدىكەن.
تەيۋەن ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسى يۈنلىن تارماق دوختۇرخانىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بۇ خىل بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى تەرجىمە قىلىش ئەپ پىروگراممىسى ئالدى بىلەن بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى سىنغا ئالغاندىن كېيىن ئاندىن چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرىدا بوۋاقلارنىڭ يىغىسىدىكى تۆت خىل ئوخشىمىغان مەزمۇننى ئايرىپ بېرەلەيدىكەن.
تەتقىقاتچى خادىملار ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا، تەخمىنەن 100 نەپەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ 200 مىڭ خىل ئوخشىمىغان يىغا ئاۋازىنى يىغىپ چىققان ھەم بۇ يىغا ئاۋازىنى تور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىغان. مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن- جاڭ چۇەنيۈ، چېن سىدا دوكتورلار بۇ يىغا ئاۋازلىرىنىڭ چاستوتىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئاۋازلارنى ئاۋاز ياڭراتقۇدا قويۇپ ئاندىن يىغا ئاۋازلىرىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى تېپىپ چىققان.
بۇ خىل ئەپ پىروگراممىسى بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن 15 سىكۇنت ئىچىدە، بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئابونتلارنىڭ يانفونىغا ئەۋەتىپ بېرەلەيدىكەن. تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىلىك بولغان بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىغا نىسبەتەن، بۇ خىل ئەپ پىروگراممىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى %92 كە يېتىدىكەن. بۇ خىل ئانالىز قىلغۇچ ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بوۋاقنىڭ قورسىقنىڭ ئاچقانلىقى، ئۇيقۇسى كەلگەنلىكى، بىرەر يېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقى ياكى سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بەرگىلى بولىدىغان بولۇپ، لېكىن بالىلارنىڭ يېشى قانچىكى چوڭ بولسا، بۇ خىل ئانالىز قىلغۇچنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.
مەنبە: نۇر تورى
مەنبە: نۇر تورى