تۇغۇتتىن كېيىنكى قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا...
ۋاقتى: 2016-06-19
ئاۋاتلىقى: 530 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاياللاردا تۇغۇتتىن كېيىن ھەمدە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆز ئەتراپىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، قورۇق بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش. كىتاب كۆرگەندە ياكى بىرەر نەرسىنى كۆرگەندە ئارىلىقنى بەك يېقىن قىلىۋالماسلىق، كۆز ئەتراپىدىكى سۇلۇق ئىششىققا سەل قارىماسلىق، ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىش كېرەك.
كۆز ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش. يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، كۆز ئەتراپىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەش. كۆز ئەتراپى تېرىسىنى ياخشىلاش ھەمدە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دائىم كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەپ بېرىش كېرەك.
ئوزۇقلۇق ھەم سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش. كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنى ئازايتىش ئۈچۈن سۇ ھەمدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.