ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى(1)

بوۋاقلار كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى(1)

ۋاقتى: 2014-05-16 ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى(1) 

يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق، ئاق ـ قارا ھەمدە شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەرق ئېتىش

 ئېيىغا توشمىغان بوۋاقلار  مەيلى نېمىنىلا  كۆرسۇن يەنىلا غۇۋا كۆرىدۇ، بىراق ئۇلار   بوشلۇقتا يورۇقلۇقنىڭ بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلالايدۇ، ھەم بېشىنى بۇراپ يورۇقلۇققا قاراشتەك ھەرىكەت شەكىللىنىدۇ. تەخمىنەن 1.5~2.5  ئايلىق بولغاندا، بوۋاقلارنىـڭ ئاق ـ قار رەڭلەرگە نىسبەتەن سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك بولىدۇ. يورۇقلۇق دەرىجىســـى يۇقىرى بولغان شەكىل ياكى ماددىلارغا بولغان ئىنكاسى روشەن بولىدۇ، ھەم
ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتتىكى يورۇقلۇق ۋە ئارقا نۇرنىڭ تۇتۇق رايونلىرىنىمۇ ھېس قىـ    ـلالايدۇ ، بىراق تېخى ئۇلارنىڭ ئېنىق چېگراسىنى ئايرىپ بېرەلمەيدۇ. كۆرەلىگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر تەرەپلىمە دائىرە ئىچىدىلا بولىدۇ. 

شەيئىلەرنىڭ ئىچكى تەپسىلاتى ۋە رەڭدارلىقىنى پەرق ئېتىش 

6 ئايلىقتىن بۇرۇنقى بوۋاقلارنىڭ ماددىلارنىڭ شەكلى، رەڭگىگە نىسبەتەن ھېس قىلىـشى بارغانسېرى كۈچىيدۇ. ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنىڭ مەلۇم رەڭ ۋە يورۇقلۇققا نىسبەتـ  ـەن قىزىقىشى ئىپادىلەنگەندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئىلگىرلىگەنلىـكىنى بايقىيالايدۇ.  بوۋاقلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن تېخى قىزىل، قارا رەڭلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇ رەڭلەرنىڭ ئوخشاشمايدىغىنىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا  ئەگەر بالىنىـڭ رەڭگە نىسبەتەن ئىنكاسى يامان ئەمەس بولسا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئادەتتە ئۇلار بىلەن رەڭلىك ئويۇنلارنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قىزىل ،سېرىق، كۆك، يېشىلۋە ئاق، قارا رەڭ سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك بولغان ئويۇنچۇقلار  بالىلارنىڭ دىققىتىنى ئەڭتارتالايدۇ.  بىنەپشىرەڭ ،سۆسۈن رەڭ، تەبئىي رەڭ قاتارلىق رەڭلەرنىڭ غىدىقلىشى يىتــەرلىك ئەمەس ھەمدە ئايرىماق تەس، شۇڭا كۆرۈش سەزگۈسىنى دەسلەپكى دەۋردە قوزغىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.  ئالتە، يەتتە ئايلىق بوۋاقلار بارغانسېرى باشقىلارنىڭ بەش ئەزاسىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، بۇرۇنقىدەك پەقەت ئومۇمىي دائىرىنىلا غۇۋا كۆرىدىغان ئىش بولمايدۇ. شۇڭا ئاتاـ ئانىلار بالىلىرى بىلەن بولغان ئۆز ـ ئارا پائالىيەت قىلىدىغــان پۇرسەتنى كۈچەيتىشى ،ھەمدە كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاشۇرىدىغان پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ بېرىشى لازېم. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى