ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى خۇلاسىسى
ۋاقتى: 2015-07-02
ئاۋاتلىقى: 675 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى خۇلاسىسى
1. ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا، كۆڭۈل ئېلىشىش ئالامەتلىرى ئاساسەن يوقاپ، ئىشتىھا نورماللىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ؛
2. ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئۇ جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇ بوينىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ماددا بولۇپ، نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئاق، سۇيۇق، پۇراقسىز بولىدۇ. ئەگەر مىقدارى زىيادە كۆپ ھەمدە رەڭگى، كۆرۈنۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛
3. بالىياتقۇ چوڭىيىپ دوۋساق ۋە تۈز ئۈچەينى بېسىۋالغانلىقتىن دوۋساقنىڭ سىغىمى كىچىكلەپ كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، دائىم ھاجەتخانىغا بارغۇسى كېلىدۇ. ئانا بولغۇچىلار ھاجەتخانىغا بېرىشتىن قېچىپ قەستەن سۇنى ئاز ئىچمەسلىك، سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئادەتتە بۇ مەزگىلدە كۆپ سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ؛
4. بۇ چاغدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بىلىنەرلىك يوغىناپ، ھامىلىدارلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.
5. ئانا بولغۇچىلار ئەمچەكنىڭ يوغىناپ ئەتراپى قارىداپ ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئېنىقلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئاز مىقتاردا سۈت ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ.