ئېھتىلام ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-07-23
ئاۋاتلىقى: 780 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئېھتىلام ـ ئەر ـ ئايال كىشىلەردىن ئىختىيارسىز ھالدا مەنى (سپېرم) نىڭ شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىشى دېمەكتۇر. ئېھتىلام كۆپىنچە، ئۇخلاۋاتقاندا چۈش كۆرۈش ئارقىلىق، گاھىدا چۇش كۆرمەستىنمۇ يۈز بېرىدۇ. گاھىدا ئويغاق ۋاقىتتىمۇ قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئېھتىلام ــ كىچىك ئوغۇل ـ قىزلاردا بالاغەتكە يەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئېھتىلام بولغان كىشى ئۈچۈن غۇسلە قىلىش پەرز بولىدۇ. كىشى ئەگەر چۈشىدە ئېھتىلام بولغىنىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىن كېيىن، كىيىمىدە ياكى ئەۋرەت جايلىرىدا مەنىنىڭ ئەسىرىنى كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭغا غۇسلە قىلىش لازىم كەلمەيدۇ. ئېھتىلام ئاساسەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى جىنسىي خىياللارنىڭ سەۋەبىدىن، ياكى دۇم يېتىپ قالغانلىقتىن ياكى قاتتىق توڭۇپ كەتكەنلىكتىن، گاھىدا سوغۇق ئېشىپ، مىجەز ئۆزگىرىپ قالغانلىقتىن بولىدۇ.
«ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەپ(يۇمشاق دېتال)دىن ئېلىندى، بۇنى تەمىنلىگەن قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!
«ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەپ(يۇمشاق دېتال)دىن ئېلىندى، بۇنى تەمىنلىگەن قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!