ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئومۇمىي خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-02-17
ئاۋاتلىقى: 517 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسى، ھامىلىدار ئايال بۇرۇنقىدەك ھارغىن ھېس قىلمايدۇ، روھى ھالىتى بارغانسىرى ئەسلىگە كېلىدۇ، جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىدۇ. دادا بولغۇچى بۇ ۋاقىتتا چەكلىمىنى بىر ئاز يېنىكلەتسە بولىدۇ، سىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۇ مەزگىلدە كۆپ ساندىكى ھامىلىدار ئايال بوۋاسىرنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىشى بىلەن تۈز ئۈچەي بېسىلىپ، تۈز ئۈچەي ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ كۆپۈشى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بوۋاسىر مەقئەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ.
ھامىلىدارلارنىڭ پۇت، قۇيرۇق سۆڭىكى ۋە باشقا مۇسكۇللىرى ئازراق ئاغرىيدۇ. سىز ئولتۇرغان ياكى ياتقان يەردىن تېزلا قوپۇپ كەتسىڭىز، بېشىڭىز قايغاندەك ھېس قىلىسىز، بۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، قان بېسىمىڭىز ئادەتتىكى ۋاقىتتىن تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بەزى ھامىلىدارلاردا بۇرۇن ئېتىلىش، بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ قېلىش، بۇرنى قاناش قاتارلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇرنى قاناش ئېغىر بولسا، ھامىلىدارلار يۇقىرى قان بېسىمى يېغىندا كېسىلى ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىشى كېرەك.
Tags: