ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۆرەك كېسىلى بارلار ھامىلىدار بولالامدۇ؟

بۆرەك كېسىلى بارلار ھامىلىدار بولالامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-01-14 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرلەمچى خاراكتېرلىك جىددىي بۆرەك ياللۇغى ئاللىبۇرۇن ساقايغان ئاياللار ئەڭ ياخشىسى جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى يوقاپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ئاندىن تۇغسا بىخەتەررەك بولىدۇ. 


ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرىدا يۇقىرى قان بېسىم ياكى يېنىك دەرىجىدە ئازوتلۇق قان كېسىلى بار بولسا،  ئەگەر ھامىلىدار بولسا ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. 
بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بار ئاياللار ئەگەر يۇقىرى قان بېسىمى يوق بولۇپ، بۆرەك ئىقتىدارى نورمال بولسا ھامىلىدار بولسا بولىدۇ، ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قېنىدىكى ئاق ئاقسىل كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتسە، ھامىلە نورمال بەدەن ئېغىرلىققا توشماسلىق ياكى بالدۇر تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلىق مەزگىلى ئادەتتە بۆرەك كېسىلىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىراق، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم ۋە ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىپ، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىدا ناۋادا قان بېسىمى يۇقىرىلاش ياكى بۆرەك ئىقتىدارى يېنىك ھەم ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش بولسا، ھامىلىدار بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. 
بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپمۇ يەنە ھامىلىدار بولۇشنى ئويلىغان ئاياللار، بۆرەك كېسىلى دوختۇرلىرىدىن ھامىلىدار بولسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىلىق مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈش، ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىدىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈش، ئاساسلىقى سۈيدۈك، قان بېسىمى، بۆرەك ئىقتىدارى ۋە ھامىلە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈتۈش، ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم بولسا يېتىپ ئارام ئېلىشى، ئەگەر بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتسە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى