ئادەتتىكى ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولۇپ 28 ـ ھەپتىسىدىن باشلاپ تۇغۇپ بولغاندىكى بىرىنچى ھەپتىسىگىچە بولغان مەزگىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش(围产保健)
بەدەن ئېغىرلىقى، قان بېسىمى، بالىياتقۇ ئېگىزلىكى ، قورساق ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ھەمدە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاش.
ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەر
سۈيدۈك تەكشۈرۈشى: ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدارلار ئاسانلا سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ، ھامىلىدار ئانا دائىم سۈيدۈكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. ناۋادا سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، جىددىي قاراش، ئەگەر پات ـ پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاپ كېلىش ئالامەتلىرى بولسا، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
ھامىلىدارلىقتىكى ئىششىق تەكشۈرۈشى: كۆپ قىسىم ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرىقى مەزگىلىدە ئېشىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشى قىلغاندا دوختۇر بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە ۋاقتىدا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.