ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2016-06-24
ئاۋاتلىقى: 652 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىڭىز بارغانسېرى چوڭايماقتا، ھازىر ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2.3 كىلوگرام، بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 45.7 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ھامىلىگە نىسبەتەن بالىياتقۇڭىزنىڭ بوشلۇقى بارغانسېرى تار كەلگەچكە ھامىلە ئەمدى باش سۈيىدە لەيلەش ھالىتىدە تۇرالمايدۇ، تېپچەكلىشىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. لېكىن ھەرىكەت بوشلۇقىنىڭ تارىيىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قېتىم سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھامىلە ھەرىكىتى يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش. ھامىلىڭىزنىڭ بۆرىكى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولدى، جىگىرىمۇ بىرقىسىم كېرەكسىز ماددىلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ھازىر ھامىلىڭىزنىڭ بەدىنى ئاساسەن يېتىلىپ بولدى، كېيىنكى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى بارغانسېرى ئاشىدۇ.