ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-18 ئاۋاتلىقى: 631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   بەزى كىشىلەر ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەلنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ھەتتا ئۆرۈلسىمۇ، يۆتەلسىمۇ، چوڭ- كىچىك تەرەت قىلغاندىمۇ ئاغرىيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئاجرىغانلىقىدىن بولغان.
  دوۋسۇن سۆڭەك ئوڭ سول تەرەپتە جەمئىي 2 پارچە بولۇپ، داس سۆڭىكىنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئوراپ تۇرىدۇ. دوۋسۇن سۆڭەك ئارىسىدا تالالىق كۆمۈرچەك بولۇپ بۇلارنى پەيلەر مۇستەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئاسانلىقچە ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ھورموننىڭ تەسىرىدە، ئىككى تەرەپتىكى داس سۆڭىكى ئاجرايدۇ، بۇ ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىق. بىراق، ئەگەر بۇ ئىككى سۆڭەكنىڭ ئاجرىلىشى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، يول ماڭغاندا بولۇپمۇ پەلەمپەيگە چىققاندا تارتىشىپ ئاغرىيدۇ. چۈنكى پەلەمپەيدىن چىققاندا، ئارقا پۇت يەردە تۇرىدۇ، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى ئالدىغا چۈشۈپ، ئوڭ سول تەرەپتىكى دوۋسۇن سۆڭىكى تارتىشىپ كېتىدۇ. تالالىق كۆمۈرچەك ۋە پەيلەرنى تاتىدۇ- دە، ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاجرىلىشى بەك ئېغىر دەرىجىدە بولسا، پەيلەر تىتىلىپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ –دە، ماڭغىلىمۇ بولمايدۇ.


گەرچە  ھامىلىدار بولغاندىن  كېيىن، ھەممە كىشىدە ئاز-تولا دوۋسۇن سۆڭىكىنىڭ ئاجرىلىشى يۈز بەرسىمۇ، بىراق ئاغرىق ئەھۋالى ئاز ساندىكى كىشىلەردىلا يۈز بېرىدۇ. ئاغرىق خېلى يېنىك بولۇپ، چىدىغىلى بولغۇدەك دەرىجىدە بولىدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىرى بولمايدۇ. بىراق، ھامىلىدار ئاياللار ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇزاق ۋاقىت  ماڭماسلىقى كېرەك. بەك ئاغرىپ كەتكەندە، يېتىپ ئارام ئېلىشى لازىم. ئۇخلىغاندا سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىش پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى