نېمە سەۋەبتىن باش سۈيى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-06-12
ئاۋاتلىقى: 518 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 35 ھەپتە بولغان، باش سۈيى بەك ئازكەن، 32MM، نېمە سەۋەبتىن باش سۈيى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ؟
جاۋاب: باش سۈيىنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرىدۇ، ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە باش سۈيىنىڭ مىقدارىنىڭ ئازلاپ كېتىشى بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشكە باشلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە باش سۈيىنىڭ بارا-بارا ئازلىشى نورمال ئەھۋال، بىراق بەك ئاز بولۇپ كەتسە تەبىئىي تۇغۇشقا ۋە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىرى بولىدۇ، شۇڭلاشقا دوختۇرلار سىزگە سۇيۇقلۇق ئاسما ئوكۇل قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ، بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن باش سۈيى كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلايدۇ.