ھامىلىدار بولغىلى 33 ھەپتە بولغان، ئوشۇقۇمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۆشنى باسسام ئاغرىيدۇ
ۋاقتى: 2013-11-06
ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جاۋاب: ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە پۇت ئىششىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى كۈنسېرى يوغىناۋاتقان قورساق قورساقتىكى لىمفا ۋە قان-تومۇرلارنى بېسىۋېلىپ قان ئايلىنىش ۋە لىمفا ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئىششىقتا بەدەندە باشقا بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدارلىق سېندورمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىششىققا دىققەت قىلىش كېرەك، تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغاندا ئادەتتە قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.