ھامىلىدار بولغىنىغا 34 ھەپتە بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 34 -ھەپتىسىگە كىرگەندىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ھەجىمى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 500-1000 گىچە ئاشقان بولىدۇ، شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنى بەدىنىڭىز بەڭ چوڭ بولۇپ كەتكەندەك، ھەرىكىتىڭىز قولايسىز بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، بۇ ناھايىتى نورمال ھېسسىيات.پۇتىڭىزغا چۈشىدىغان بېسىم ئاشقاچقا پۇتىڭىز دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ، بەزى چاغلاردا يەنە قورسىقىڭىز تارتىشىپ مۇجۇپ ئاغرىيدۇ. قورسىقىڭىزنىڭ بارغانسېرى يوغىنىشى سەۋەپلىك ئىشتىھايىڭىز تۆۋەنلەپ تېخىمۇ ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىسىز. سىز بەلىكىم پۇتىڭىز، قولىڭىز، يۈزىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىڭىز، ئەگەر قولىڭىز ياكى يۈزىڭىز تۇيۇقسىز قاتتىق ئىششىپ كەتسە چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈشىڭىز لازىم. گەرچە بەدىنىڭىزدە ئىششىش ئالامىتى كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ سۇ ئىچىش مىقدارىڭىزنى ئازايتىۋەتسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر ئانا تېنى ۋە ھامىلە كۆپ مىقداردا سۇغا ئېھتىياجلىق، ئىستىمال قىلغان سۈيىڭىز قانچە كۆپ بولسا بەدىنىڭىزدە يىغىلىپ قالغان سۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ تاشلىنىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
بۇ ھەپتىدە تۇنجى قورساق كۆتۈرگەن ئاياللارنىڭ كىندىكى ئەتراپىدا قىچىشىدىغان قىزىل داغلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، كېيىن بارا-بارا تېقىم ۋە قول-پۇتلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھامىلىدارلىقتىن كېلىپ چىققان قىچىشىش خاراكتېرلىك ئۇرتىكارىيە ۋە داغ«妊娠瘙痒性荨麻疹及斑块» دەپ ئاتىلىدۇ‹قىسقارتىلىپ PUPPP دېيىلىدۇ›، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ، بۇ قورساقنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭىيىشى‹ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشى ۋە كۆپ كېزەك› سەۋەبىدىن تېرىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش،گەرچە بۇنىڭ سالامەتلىككە زىيان ئېلىپ كەلمىسىمۇ ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىش زۆرۈر.