ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغىنىغا 21 ھەپتە بولغان ئايال قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئەڭ ياخشى؟

ھامىلىدار بولغىنىغا 21 ھەپتە بولغان ئايال قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئەڭ ياخشى؟

ۋاقتى: 2016-03-05 ئاۋاتلىقى: 572 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولغىنىغا 21 ھەپتە بولغان ئايال قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئەڭ ياخشى؟-ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن خۇلاسە
 ھامىلىدار بولغىنىغا 21 ھەپتە بولغان ئايال ئۈچۈن ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭشىلىشى ئىنتايىن مۇھىم، تۆۋەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆلچىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ ئىستېمال قىلغىنىڭىز ئۆلچەمگە توشۇپتىمۇ يوق؟
 ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى: ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ مىقدارى 8 سەردىن يۇقىرى بولۇشى ھەمدە يىرىك ئاشلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەنگەن ئاشلىقنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى تەڭپۇڭ بولۇشى لازىم. ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاشۇرۇلۇش مىقدارى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش مىقدارىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. 

ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل: ھەر كۈنلۈك ئاقسىلنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن كۆپ بولۇشى، ھايۋانات خاراكتېرلىك ئاقسىل ئومۇمىي ئاقسىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلىشى لازىم.
ياغ: ھامىلىدار ئاياللار ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاشۇرسا ياكى خۇاسىڭ مېغىزى، ياڭاق، كۈنجۈت قاتارلىق تەركىبىدە زۆزۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 
ئانئورگانىك تۇز ۋە مىنېرال ماددىلار: ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار سۈت تۈرىدىكىلەر ۋە سۈت ياسالمىلىرى، پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەر، بېلىق، راك قاتارلىق تەركىبىدە كالىتسىي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى، ھەر كۈنلۈك كالىتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 1000 مىللىگرامدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. يېتەرلىك مىقداردىكى سىنىك ۋە تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم، تەكلىۋىمىز: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈنلۈك سىنىك قوبۇل قىلىش مىقدارى 20 مىللىگرام، تۆمۈرنىڭ كۈنلۈك قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 25 مىللىگرام بولسا مۇۋاپىق.
ھامىلىدار بولغىنىغا 21 ھەپتە بولغان ئاياللار قانداق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟-ھامىلىدار ئاياللار يىلانبېلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەدىنىگە قۇۋۋەت تولۇقلىشى لازىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى