ھامىلىدارلىقنىڭ32-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-05-25
ئاۋاتلىقى: 746 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىگە كىرگەندە ھامىلىدار ئايال ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەر ھەپتىدە 0.45 كىلوگىراملىق سۈرئەت بىلەن ئاشىدۇ، سىز تېخىمۇ بەك چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز، قورساق قىسمىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىز ۋە ئېغىرلىق مەركىزىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. تۆۋەنكى بەل ياكى كاسسا ھەم يوتا قىسمىڭىز ئاغرىسا بۇ سىزنىڭ بۇ ۋاقىتتا قورساق قىسمىدىكى مۇسكۇللار تارتىشىپ، ھورمۇن سىزنىڭ تارامۇشلىرىڭىزنى تېخىمۇ بوشىتىۋېتىدۇ، چوڭايغان بالىياتقۇ ھەتتا بەزى نېرۋىلارنى باسىدۇ. ئاغرىق ۋە ھېرىپ-چارچاش سىزنى ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، بىراق ئوڭۇشلۇق تۇغۇش ئۈچۈن يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.
ھازىر بالىنىڭ بېشى تۆۋەنلەپ سىزنىڭ دوۋسۇنىڭىزنى باسىدۇ، مۇشۇنداق بولغاچقا ھامىلىدار ئايالنىڭ پات-پات سىيىشى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. سىزنىڭ جىنسىي يول ئاجرالما ماددىڭىزمۇ كۆپىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.