ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالنى كۈتۈش بىلىملىرى

ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالنى كۈتۈش بىلىملىرى

ۋاقتى: 2015-07-28 ئاۋاتلىقى: 595 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالنى كۈتۈش بىلىملىرى



. كۈتۈش ئەسكەرتمىسى
ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېيى بولۇپ، ھەرقاچان باش سۈيىنىڭ يېرىلىش، كالتە تولغاق بولۇپ تۇغۇپ قويۇش  ئېھتىماللىقى بولىدۇ، شۇڭا يالغۇز سىرتقا چىقىشتىن ياكى ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇۋاپىق بولغان ھەرىكەت كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتمەسلىك، كۈچىنى خورىتىپ تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش، ئوزۇقلۇق، ئۇيقۇ ۋە ئارامغا دىققەت قىلىش لازىم. ناۋادا باش سۈيى يېرىلىش ۋە قان كېلىش دېگەندەك تۇغۇت ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇنچىغا چۈشۈشكە بولمايدۇ.

. تۇغۇت ۋاقتىدىكى نەپەسلىنىش مەشقى
تۇغۇت ۋاقتىدىكى كالتە تولغاق تۇتقاندا ، تۇغۇتلۇق ئايال نەپەسنى تەڭشەشنى، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىشى كېرەك، بۇ ئاغرىق ۋە چارچاشنى پەسەيتىپ، تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.  تۇغۇتلۇق ئايال نەپەسنى تەڭشەش جەريانىدا، ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنۇچنى تۈگىتىشى، پۈتۈن خىيالىدا پەقەت تۇغۇتنىلا ئويلىشى لازىم. كۆكرەكتە يېنىك نەپەسلىنىش مەشقى. ئوڭدىسىغا يېتىپ، تىزىنى پۈكۈپ، كۆكرىكىدە نەپەس ئالغاندىن كىيىن، قورساقنى مىدىرلاتماي، كالپۇكنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئېغىزنى بوش ئېچىپ، نەپەس ئېلىش بىلەن نەپەس چىقىرىش مىقدارىنى تەڭلەشتۈرۈش كېرەك. مەشقنى باشلىغاندا 15 مىنۇت، كۆنگەندىن كىيىن 30 مىنۇت داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

. تۇغۇتتىن بۇرۇن تەشۋىشلىنىش
تۇغۇت مەزگىلىدە ھامىلدار ئايال دوختۇرغا ئىشىنىپ، ئارتۇق غەم قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ تۇغۇتنىڭ خەتىرى توغرىسىدا قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلماي، تۇغۇتتىن بۇرۇن ياخشى يەپ، ياخشى ئۇخلاپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا خاتىرجەم روھىي ھالەت، تۇراقلىق كەيپىيات، ئېغىر بېسىق ۋە مۇقەررەر ئۇتۇق قازىنىدىغان ئىشەنچ بىلەن بوۋاقنى قارشى ئېلىشى كېرەك.

ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ھەم ۋاقتىدا كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك. ئايالىنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش، تەسەللى بېرىش، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم. دائىم ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلىش، مۇزىكا ئاڭلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھامىلدارنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولۇپلا قالماي، ھامىلىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.

. تۇغۇت ۋاقتىدىكى قوشۇمچە ھەرىكەت مەشقى

. ئۇۋۇلاش. ئىككى قولنى قورساق قىسمىغا يېنىك قويۇپ، ئاستا ـ ئاستا چوڭقۇر نەپەسلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالقان بىلەن قوۋرۇغا قىسمىنى ئۇۋۇلاش ئاندىن شۇئان نەپەس چىقىرىپ، قولنى جايىغا ئېلىپ كېلىش كېرەك. ئالدى بىلەن ئالقاننى ئالدى كەينى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇۋلاش، ئاندىن چەمبەر شەكىلدە ئۇۋۇلاش كېرەك. ئۇۋلىغاندا ئوڭدىسىغا يېتىپ، تىزنى پۈكۈش كېرەك.

. بالىياتقۇ تارىيىش. بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى كۆپۈنچە ۋاقىتتا تەرتىپسىز بولۇپ، ئۇ بارا ـ بارا تەرتىپلىك بولۇشقا باشلىغاندا، تۇغۇشقا شۇنچە ئاز قالغان بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى توساتتىن قېتىم سانى كۆپ، قاتتىق ھەم تەرتىپلىك بولۇپ، 5 مىنۇتتا بىر قوزغىسا، ھەمدە بالىياتقۇ بىردەم ـ بىردەم قېتىۋالسا، ئاغرىق ۋە بەل ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇغىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

. قان كېلىش. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قان كەلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم، بولۇپمۇ كۆپ قان چىقىپ كەتكەندە چۇقۇم سەل قارىماسلىق كېرەك.

. باش سۈيى يېرىلىش. بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇ تارىيىش ئەھۋالى بولۇش-بولماسلىقىغا قارىماي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. يولدا ھامىلدار چوقۇم تۈز يېتىشى كېرەك، بولمىسا باش سۈيى كىندىكنىمۇ تەڭ ئېلىپ چۈشۈشى ياكى كىندىك بالىنىڭ بوينىغا ئورىلىپ قېلىپ بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. بەزىدە باس سۈيىنىڭ مىقدارىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن ھامىلدارلار ئاق خۇن كۆپىيىپ قاپتۇ دەپ ئويلىۋېلىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىش، قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى