ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلار (1)
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق ياخشى بولغاندا، ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىكى، تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلىدىكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىنىدۇ.
ئاقسىل
ئاقسىل ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسى ۋە مۇسكۇلى شۇنداقلا باشنى تۈزىدىغان ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت. ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئاقسىل يېتىشمىگەندە، ھامىلىدار بولۇش تەس بولىدۇ، ياكى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاقسىلنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاسان بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، ياكى يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، تۇغما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە غەيرىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغقاندىن كېيىن ئانىنىڭ سالامەتلىكى ئاسان ئەسلىگە قايىتمايدۇ.
بەزى ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇن ئاقسىل كەم بولغانلىقتىن، تەن ساپاسى ئاجىز، تۇغقاندىن كېيىنمۇ تېنى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، ھەتتا بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە دىققەت قىلىشى، مەسىلەن كالا گۆشى، توخۇ گۆشى، توشقان گۆشى جىگەر تۈرىدىكى ۋە بېلىق، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
كالىتسىي
كالىتسىي سۆڭەك ۋە چىشنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق تەركىب. ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ، شۇنداقلا كۆپرەك تەلەپ قىلىنىدىغان تەركىب. كالىتسىي يەنە ئانا تېنىدىكى قاننىڭ قېتىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، روھنى تىنچلاندۇرىدۇ، ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كەلگۈسىدىكى سۈت ئېمىتىشكىمۇ پايدىلىق. گەرچە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كالىتسىيغا بولغان ئېھتىياج ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىلىدە كالىتسىيغا بولغان ئېھتىياج ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ كالىتسىيلار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنلا بەدەندە ساقلىنىشى كېرەك. كالىتسىينىڭ بەدەندە ئۇزۇن ساقلىنىشى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن كۆپلەپ كالىتسىي تولۇقلاشقا پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ. ھامىلىدارلار كالىتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كالىتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈن ۋېتامىن D نىمۇ تولۇقلاش كېرەك. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللار ئادەتتىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ كالىتسىي سۈمۈرۈش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كالىتسىي بىر قەدەر كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق، سۈت، دېڭىز يۈسۈنلىرى ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار.